settings icon
share icon
سۇئال

ئەيسا خۇدامۇ؟ ئەيسا ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكالىغانمۇ؟

جاۋابى:


ئەيسا ئىنجىلدا ھىچقاچان " مەن خۇدا " دىگىنى يوق لېكىن بۇ ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىگىنى جاكارلىمىدى دىگەلىك ئەمەس، مەسىلەن: يوھاننا 10:30 دىكى ئەيسا دىگەن سۆزنى ئالايلى بۇ سۆز "مەن ۋە خۇدا بىردۇر" دەپ ئىتىلغان، يەھۇدىلار ئەيسانى ئۇ ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكارلىغانلىغى ئۈچۈن " ئادەم تۇرۇپ ئۆزەڭنى خۇدا دىدىڭ" دىگەن باھانە بىلەن چالما كېسەك قىلماقچى بولغان( يوھاننا 10:33). يەھۇدىلار ئەيسانىڭ ئۆزىنى نىمە دەپ ئېلان قىلىدىغانلىغىنى ئوبدان بىلەتتى، ئەيسا ئۆزىنى خۇدا دەپ ئېلان قىلىشنى ئىنكار قىلمىغان. ئەيسا " مەن ۋە خۇدا بىردۇر" ( يوھاننا 10:30) ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە خۇدانىڭ خارەكتىر ۋە ماھىيەت جەھەتتە بىر گەۋدە ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتقان. يوھاننا 8:58 بولسا يەنە بىر مىسالدۇر ئەيسا " ئىبراھىم ئەلەيكىسالام تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مېنىڭ كىملىگىم مەلۇم ئىدى" دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان يەھۇدىلار قانۇنى بويىچە ئەيسانى خۇداغا شەك كەلتۇردى دەپ ئۇنى چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان (لېۋىتىكۈس24:15)

يوھاننا ئەيسانىڭ خۇدالىغىنى قايتا تەكىتلەپ: "تىنىق خۇدادۇر" ۋە " تىنىق ئادەم جىسمىغا ئايلانغان" (يوھاننا 1:1،14) دىگەن. بۇ قۇرلار ئەيسانىڭ ئىنسان قىياپىتىدىكى خۇدا ئىكەنلىگىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ۋەھىلەرنىڭ 20:28 سى بىزگە " ئۆز قېنى ئاقىلىق خۇدانىڭ چېركوۋسىنى بەرپا قىلغان پادىچى " دىيىلىدۇ، بۇ بىزگە ئۆز قېنى ئاقىلىق ئېتىقات ئىلىپ كەلگەن پادىچى كىم؟ ئۇ ئەيسادۇر.ۋەھى 20:28 دە ئېيتىلىشىچە خۇدا ئۆز قىنى ئارقىلىق بىزگە ئېتىقات ئېلىپ كەلگەن شۇڭلاشقىمۇ ئەيسا خۇدادۇر.

توماس مۇرىتلارنىڭ ئالدىدا ئەيسانى : " مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ خۇدايىم " دىگەندە( يوھاننا 20:28)ئەيسا ئۇنى توسىمىغان . تىتوس 2:13 بىزنى قۇتقۇزغۇچى خۇدا- ئەيسانىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ( پېتروسنىڭ 2- سى 1:1). يەھۇدىلار 1:8 دە ئەيسا توغرىسىدا مۇنداق دىيىلگەن: " ئېھ خۇدا ئىخلاسمەنلىك مەڭگۈ ساڭا يار بولسۇن" بۇ يەردە خۇدا دىيىلگىنى ئەلۋەتتە ئەيسانى كۆرسىتىدۇ.

ۋەھىلەردە پەرىشتىلەر مۇرىت يوھانناغا پەقەت خۇداغىلا چوقۇنۇشنى بۇيرۇيدۇر(ۋەھىلەر 19:10). بىرقانچە قېتىم ئەيسا باشقىلارنىڭ باش ئۇرۇشىغا دۇچ كەلگەندە (مەتتا 2:11، 14:33، 28:9، 17؛ لۇقا 24:52؛يوھاننا 9:38) كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە چوقۇنىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئەيىپلىمەيدۇ. ئەگەر ئەيسا خۇدا بولمىسا ئۇ باشقىلارنىڭ خۇددى پەرىشتىلەرنىڭ ۋەھىلەردە قىلغىنىدەك ئۆزىگە تاۋاپ قىلىشىنى توسىغان بولار ئىدى، بۇنىڭدن باشقا ئەيسانىڭ خۇدا ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى تالاش- تارتىشلار باشقا ئابزاسلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.

ئەيسانىڭ خۇدا ئىكەنلىگى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەلىل شۇكى ئەگەر ئۇ خۇدا بولمىسا ئۇنىڭ يالغۇز ئۆلۈمى دۇنيادىكى ئۆتكۈزۈلگەن ھەممە گۇناھلارنىڭ كەچۇرلىۋېتىشكە كۇپايە بولمايتى( يوھاننانىڭ 1-چىسى 2:2). ئەگەر ئەيسا خۇدا بولماي ئادەتتىكى بىريارالغۇچى بولغان بولسا خۇدانىڭ ئىرادىسىغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلرى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاغا ئۈچرىغان بولار ئىدى. پەقەت خۇدالا دۇنيادىكى گۇناھلار ئۈچۈن بەدەل بېرىدۇ (كورىنتلىقلار نىڭ 2-چىسى 5:21) ۋە قايتىدىن نامايەن بۇلۇپ ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ.

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

ئەيسا خۇدامۇ؟ ئەيسا ئۆزىنى خۇدا دەپ جاكالىغانمۇ؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries