settings icon
share icon
سۇئال

خىرىستىيان دىگەن نىمە؟

جاۋابى:


خىرىستىيانلارنى لوغەتتە" ئەيساغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ۋە ياكى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئۈگۈتىشنى ئاساس قىلغان دىن " دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.گەرچە بۇ خىل چۈشەندۈرۈش خاتا بۈلمىسىمۇ لېكىن بۇنىڭدا ئىنجىلدا يېزىلغان ھەقىقى خىرىستىياننىڭ ئەسلى قىياپىتى يورىتىپ بېرىلمىگەن. " خىرىستىيان " دىگەن سۆز ئىنجىلدا ئۈچ يەردە ئۇچرايدۇ( تەبىر 11:26؛ 26:28؛ پېتروس 4:16).ئەيساغا ئەگەشكۈچىلەر تۇنجى بۇلۇپ ئانتىوشتا (تەبىر 11:26)ئۇلارنىڭ قىلغان ئىش- ئىزلىرى، خارەكتىرى، سۆز – ھەركەتلىرى تەرىپىدىن " خىرىستىيان " دەپ ئاتالغان . "خىرىستىيان " دىگەن سۆزنىڭ ئەبىدى مەنىسى " ئەيسانىڭ ئادەملىرى" ياكى " ئەيساغا ئەگەشكۈچىلەر " دىگەندىن ئىبارەت

بەخىتكە قارشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان " خىرىستىيان " دىگەن بۇ سۆز ئۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ دىندار، ۋە ياكى ئەخلاقلىق لېكىن ئەيسانىڭ ھەقىقى ئەگەشكۈچىسى ئىكەنلىگى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىشكە باشلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە ئەيساغا ئىشەنمىسىمۇ لېكىن چىركوۋغا بارىدىغانلىغى ۋە " خىرىستىيانلار" دۆلىتىدە ياشاۋاتقانلىغى ئۈچۈنلا ئۆزىنى خىرىستىيان دەپ قارايدۇ ئەمما بىز چېركوۋغا بېرىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە ياكى ياخشى ئادەم بۇلۇش بىلەن خىرىستىيان بۇلۇپ قالمايمىز. خۇددى ماشىنا ئىسكىلاتىغا بارساق بىز ماشىنىغا ئايلىنىپ قالمىغاندەك چېركوۋغا بېرىشمۇ بىزنى خىرىستىيان قىلىپ قويمايدۇ، چېركوۋدا پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، چېركوۋنىڭ ئەزاسى بۇلۇش، چىركوۋ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشمۇ ئۇخشاشلا بىزنى خىرىستىيان قىلىپ قويمايدۇ.

ئىنجىل بىزگە ياخشى ئىش قىلساقلا خۇدا تەرپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىغىمىزنى ئۈگىتىدۇ. تىتۇس 3:5 دا" ئۇ بىزنى بىزنىڭ توغرا ئىشلارنى قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ مېھرى –شەپقىتى بولغانلىغى ئۈچۈن قۇتقۇزدى، ئۇ بىزنى باشقىدىن دۇنياغا كېلىش، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق قۇتقۇزدى " دىيىلگەن،دىمەكچى خىرىستىييان دىگىنىمىز خۇدا تەرىپىدىن باشقىدىن يارىتىلغان( يوھاننا 3:3؛ يوھاننا 3:7؛ پېتروس 1:23؛)، ئەيساغا ئىشىنىدىغان ۋە ئېتىقات قىلىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئەڧەسلىكلەر2:8 دە بىزگە مۇنداق دىيىلگەن: " .... ئېتىقات ئارقىلىق مىھرى –شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندىڭ،قۇتقۇزۇش سەندىن بولمىدى بەلكى ئۇنىڭ خۇدانىڭ سوغىسى ئىكەنلىگى بولغانلىغى سەۋەبىدىن بولدى"

ھەقىقى خىرىستىيان ئەيساغا ۋە ئۇنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرىگە، ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن كىرىستقا مىقلىنىپ شېھىت بولغان لىكىن 3-كۇنى ئۇنىڭ قايتا تىرىلگەنلىگىگە تولۇق ئىشەنگەن كىشىدۇر. يوھاننا 1:12 بىزگە " ئۇنى قوبۇل قىلغانلار، ئۇنىڭ نامىغا ئىشەنگەنلەر، خۇدانىڭ بەندىسىگە ئايلانغانلار" دەپ بايان قىلىدۇ. ھەقىقى خىرىستىياننىڭ خارەكتىرى باشقىلارنى سۆيۈش ۋە خۇدانىڭ دىگەنلىرىنى ھۆرمەت قىلىشتۇر( يوھاننانىڭ 1-چىسى 2:4، 10). ھەقىقى خىرىستىيان خۇدانىڭ ئوغلىدۇر، ئەيسا تەرىپىدىن يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلىنغان خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر

بۇ يەردىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ ئەيسا توغرىسىدا بىرەر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا " بۇگۈن مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم " دىگەن يەرنى چېكىڭ

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

خىرىستىيان دىگەن نىمە؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries