settings icon
share icon
سۇئال

خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى دىگەن نىمە؟ خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى قانداق بولىدۇ؟

جاۋابى:


جىسمانى جەھەتتە ئەمەس روھى جەھەتتە بىرەر نەرسىگە تەشنامۇ سىز؟ قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە تەشنالىق بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ جاۋاپنى ئەيسادىن تاپىسىز! ئەيسا دەيدۇكى: " مەن ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇقلۇغىمەن مېنى پانا تارقانلار ئاچلىقنى بىلمەيدۇر، ماڭا ئىشەنگەنلەر مەڭگۇ تەشنە بولمايدۇ ( يوھاننا 6:35)

ھاياتتا قايمۇقۇپ ھاياتنىڭ مەخسەت مۇددىئاسىنى تاپالماي يۇرەمسىز؟قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىمىسقىلاۋاتقانمۇسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولدا بۇلارنىڭ جاۋابىنى ئەيسادىن تاپىسىز. ئەيسا: "مەن دۇنيانى يورۇتۇپ تۇرغۇچى، ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ ھايات يورۇقلىغىغا ئېرىشىدۇ "دىگەن (يوھاننا 8:12)

ھاياتقا ئۈمۈتسىز قارامسىز؟نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىڭىزمۇ ئېرىشكىنىڭىز پەقەتلا مەنىلىك ھاياتقا ئېرىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ مەنىلىك ھاياتنى ئىزدەۋاتامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ جاۋابىنى ئەيسادىن تاپاللايسىز. ئەيسا: " مېنى تاپقانلارنى مەن قۇتقۇتزىمەن مېنى تاپقانلار باياشات زىمىننى تاپالايدۇ" دەيدۇ (يوھاننا 10:9)

باشقىلار سىزنى دائىم ئۈمۈتسىزلەندۈرەمدۇ؟ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يۇزەكى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلامسىز؟باشقىلار دائىم سىزدىن پايدىلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلامسىز؟ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ جاۋابىنى ئەيسادىن تاپىسىز. ئەيسا " مەن بىر ياخشى پادىچىمەن،ياخشى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈچۈن ھاياتىنى تەغدىم قىلىدۇ، مەن بىر ياخشى پادىچى، مەن پادىلىرىمنى ياخشى بىلىمەن پادىلىرىممۇ مېنى بىلىدۇ" دەيدۇ( يوھاننا 10:11،14)

بۇ ھايات ئاخىرلاشقاندىن كىيىن نىمىلەر يۈز بېرىدىغانلىغىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟تۇرمۇشتىكى ئۇششاق- چۈششەك ئىشلاردىن زېرىكتىڭىزمۇ؟ باقى ئالەمدىمۇ ياشاشنى خالامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا جاۋاپنى ئەيسادىن تاپىسىز. ئەيسا دەيدۇكى: " مەن قايتا تىرىلىمەن ماڭا ئىشەنگەنلەر ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ياشايدۇ ماڭا ئىشەنگەنلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ" ( يوھاننا 26-25 :11).

چىقىش يولى قەيەردە؟ ھەقىقەتچۇ؟ ھايات دىگەن زادى نىمە؟ ئەيسا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ :" مەن توغرا يول ۋە ھەقىقەتدۇرمەن، مەنسىز ھىچكىم خۇداغا سېغىنالمايدۇ" ( يوھاننا 14:6)

بىزدىكى ئاچارچىلىق روھىي جەھەتتىكى ئاچارچىلىقتۇر پەقەت ئەيسالا بىزنىڭ ئاچلىغىمىزنى قاندۇرالايدۇ، پەقەت ئەيسالا بىزنى قاراڭغۇلۇقتىن باشلاپ چىقالايدۇ، ئەيسا مەنمۇنلۇق ھاياتقا كىرىدىغان ئىشىكتۇر، ئەيسا ھەم دوست ھەم بىز ئىزدەۋاتقان پادىچىدۇر. ئەيسا پانى ۋە باقى ئالەمدىكى ھايات دىگەنلىكتۇ. ئەيسا نىجاتكاردۇر!

روھىي ئاچارچىلىق ھىس قىلىش، قاراڭغۇلۇقتا ئېزىپ قالغاندەك ھىسسىياتتا بولۇش، ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تاپالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ خۇدانى تاپمىغانلىغىمىزدىن بولىدۇ. ئىنجىلدا بىز ھەممىمىزنىڭ گۇناھى بولغاچقا خۇدادىن ئايرىۋېتىلگەنلگى يېزىلغان (ئەڧەسلىكلەر 7:20؛ رىملىقلار 3:23). يۈرىگىمىزدىكى بوشلۇق تۇرمۇشىمىزدە خۇدانىڭ بولمىغانلىغىدىن بولغاندۇر. بىز خۇدا سېغىنىش ئۈچۈن يارالغانمىز لېكىن بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى بىز خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇلغان تىخىمۇ قورقۇنۇچلىق بولىدىغىنى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز بىزنى پانى ئالەم ۋە باقى ئالەمدا خۇدادىن مەڭگۈ ئايرىپ( رىملىقلار 6:23؛ يوھاننا 3:36)

بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟ ئەيسا بۇنىڭ جاۋابىدۇر ئەيسا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ( كورىنتلىقلار نىڭ 2-چىسى 5:21) ئۈچۈن بىزنىڭ ئورنىمىزدا شېھىت بولغان ( رىملىقلار 5:8) بىز ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغان، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئەيسا قايتا تىرىلىپ ئۆزىنىڭ گۇناھ ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان ( رىملىقلار 5-4: 6). ئەيسا نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدى؟ بۇ سۇئاغا ئەيسا ئۆزى جاۋاپ بېرىدۇ:"ئەيسانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت بولمايدۇ ئۇ ئۆز ھاياتىنى دوستلىرىغا تەغدىم قىلدى" ( يوھاننا 15:13). ئەيسا بىز ئۈچۈن شېھىت بولغاچقا بىز ھايات ياشىماقتىمىز، ئەگەر بىز ئەيساغا ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە شېھىت بولغىنىغا ئىشەنسەك بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە بىزنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئاچاچىلىغىمىز قاندۇرۇلىدۇ، مەنىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز، بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز ۋە ياخشى پادىچىنى بىلەلەيمىز، بۇ ئالەمدىن كېىن يەنە باقى ئالەمنىڭ بارلىغىنى، ئەيسا بىلەن جەھەننەمدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغىنىمىزنى بىلىمىز!

"خۇدا ئىنسانلارنى قىزغىن سۆيگەچكە ئۇ ئۆز ئۇغلىنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ" ( يوھاننا 3:16)

بۇ يەردىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ ئەيسا توغرىسىدا بىرەر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا " بۇگۈن مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم " دىگەن يەرنى چېكىڭ

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى دىگەن نىمە؟ خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش پىلانى قانداق بولىدۇ؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries