settings icon
share icon
سۇئال

ئەيسانى نىجاتكارىم دەپ قوبۇل قىلىشنىڭ نىمە مەنىسى بار؟

جاۋابى:


ئەيسانى مېنىڭ نىجاتكارىم دەپ قوبۇل قىلدۇقمۇ؟ بۇ سۇئانى توغرا چۈشۈنىش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئالدى بىلەن " ئەيسا" " بىزنىڭ" "نىجاتكار" دىگەندەك سۆزلەرنى چوقۇم چۈشۈنىۋېلىشىمىز كېرەك.

ئەيسا كىم؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسانى ياخشى ئادەم، تالانتلىق ئوقۇتقۇچى، ۋە ياكى خۇدانىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر لېكىن بۇلار ئەيسانىڭ زادى كىملىگىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ. ئىنجىل بىزگە ئەيسانىڭ ئادەم قىياپىتىدىكى خۇدا ئىكەنلىگىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ( يوھاننا1:1،14غا قاراڭ). خۇدا بۇ دۇنياغا بىزنى باشلاپ ماڭغىلى، بىزنىڭ جاراھەت ئىزلىرىمىزنى ساقايتقىلى، بىزنىڭ ھەركەتلىرىمىزنى تۈزەتكىلى، بىزنى كەچۈرگىلى كەلگەن ۋە بىز ئۈچۈن شىھىت بولغان. ئەيسا ياراتقۇچى خۇدادۇر، بىز ئەيسانى قوبۇل قىلدۇقمۇ؟

نىجاتكار دىگەن كىم؟ نىمىشقا بىز نىجاتكارغا مۇھتاجمىز؟ئىنجىل بىزگە بىز ھەممىمىزنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىگىمىزنى ، بىزنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىگىمىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ (رىملىقلار18-10: 3). بىز گۇناھكار بولغانلىغىمىز ئۈچۈن خۇدانىڭ غەزىۋىگە ۋە سورىغىغا تېگىشلىكمىز. خۇدانىڭ ئىرادىسىغا قارشى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز پۈتمەس-تۈگىمەس جازاغا لايىقتۇر( رىملىقلار 6:23؛ ۋەھى 15-11 :20)شۇڭلاشقىمۇ بىز نىجاتكارغا مۇھتاجمىز

ئەيسا بۇ دۇنياغا كېلىپ بىز ئۈچۈن شېھىت بولدى، ئەيسانىڭ شېھىت بۇلۇشى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن تولەنگەن پۈتمەس- تۈگىمەس بەدەلدۇر ( كورىنتلىقلارنىڭ 2-چىسى 5:21) .ئەيسا شېھىت بۇلۇش ئارقىلىق بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزغا بەدەل تۆلىدى (رىملىقلار 5:8). ئەيسا بەدەل تولىگەن بولغاچقا بىز بەدەل تۆلىمىدۇق. ئەيسانىڭ قايتا تىرىلىشى ئۇنىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن يەتكىچە بەدەل تۆلىگەنلىگىنىڭ ئىسپاتىدۇر. شۇڭلاشقىمۇ ئەيسا بىردىن – بىر نىجاتكاردۇر( يوھاننا 14:6؛ تەبىر 4:12) سىز ئەيسانىڭ سىزنىڭ نىجاتكارىڭىز ئىكەنلىگىگە ئىشىنەمسىز؟

ئەيسا بىزنىڭ نىجاتكارىمىزمۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر خىرىستىيان بۇلۇشنى چېركوۋغا بېرىش، ئىبادەت قىلىش، ۋە ياكى گۇناھ ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك بىلەن باغلاپ چۈشۈنىدۇ، بۇ خىرىستىيانچىلىق ئەمەس، ھەقىقى خىرىستىياننىڭ خۇدا بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولىدۇ، ئەيسانى نىجاتكار سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان،ئۇنىڭغا ئشەنگەن بولىدۇ، ئەيسادىن باشقا ھىچقانداق بىرسى باشقىلارنى نىجاتكارلىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتەلمەيدۇ، نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بار ئۇ بولسىمۇ ئەيسانى ئۆزىمىزنىڭ نىجاتكارى دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن شېھىت بۇلۇپ كىيىن يەنە قايتا تىرىلىپ بىزگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلغانلىغىنى تونۇپ يېتىشتۇر( يوھاننا 3:16). ئەيسا بىزنىڭ نىجاتكارىمىزمۇ؟

ئەگەر بىز ئەيسانى ئۆزىمىزنىڭ نىجاتكارى دەپ بىلسەك تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خۇداغا ئېيتايلى، ئېسىمىزدە بولسۇنكى بۇ دۇئا ۋە ياكى ھەرقانداق دۇئا بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ. پەقەت بىز ئەيسانىڭ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە كىرستقا مىقلانغانلىغىغا ئىشەنسەك ئۆزىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىنىمىز. بۇ دۇئا پەقەت بىزنىڭ خۇدانىڭ بىزنى نىجاتكارلىققا چىقارغانلىغىغا بولغان تەشەككۈر ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچتۇر. " ئېھ خۇدا مەن سېنىڭ ئىرادەڭگە خىلاپ ھالدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، جازاغا تېگىشلىكمەن لېكىن ئەيسا مېنىڭ بەدىلىمگە جازاغا ئۇچرىدى، مەن ئەيساغا ئىشەنسەم كەچۈرۈم قىلىنىشقا ئېرىشىمەن ، مەن سېنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىڭغا ئېرىشتىم ۋە سېنىڭ نىجاتكارلىغىڭغا ئىشەندىم، مەن ئەيسانىڭ قۇتقازغۇچى ئىكەنلىگىگە ئىشىنىمەن،سېنىڭ مىھرى- مۇھەببىتىڭگە ۋە قىلغان كەچۈرۈملىرىڭ مەڭگۈلۈك ھايات سوغىسىدۇر. ئامىن!"

بۇ يەردىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ ئەيسا توغرىسىدا بىرەر قارارغا كەلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا " بۇگۈن مەن ئەيسانى قوبۇل قىلدىم " دىگەن يەرنى چېكىڭ

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

ئەيسانى نىجاتكارىم دەپ قوبۇل قىلىشنىڭ نىمە مەنىسى بار؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries