settings icon
share icon
سۇئال

خۇدا مەۋجۇتمۇ؟ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىسپات بارمۇ؟

جاۋابى:


بۇ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىسپاتلاش ئىسپاتلىماسلىق مەسىلىسى ئەمەس،ئىنجىلدا بىزنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىشىنىشىمىز تەكىتلەنگەن مۇنداق ئىبارىلەر بار: "ئېتىقات بولمىسا خۇدانى مەنمۇن قىلغىلى بولمايدۇ،چۈنكى خۇداغا ئىشىنىدىغانلار ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بىلىدۇ، خۇدانى چىن قەلبى بىلەن ئىزدەۋاتقانلارنى خۇدا مۇكاپاتلايدۇ" ( ئىبراي11:6). ئەگەر خۇدا ئۆزى خالىسا ئۇ ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەگەر خۇدا ئۇنداق قىلسا ئېتىقاتنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى قالمىغان بولىدۇ. خۇدا ئەيساغا: "سەن مېنى كۆرگەچكە ماڭا ئىشەندىڭ، مېنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ ماڭا ئىشەنگەنلەر مۇقەددەستۇر " دىگەن(جون 20:29)

بۇنداق دىگەنلىك خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىسپات يوق دىگەنلىك ئەمەس.ئىنجىلدا:" جەننەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىغىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ،ئاسمان خۇدانىڭ ئىجادىيىتىدۇر، مانا بۇلار كىچە كۈندۈز خۇدانىڭ بىزگە دەيدىغانلىرىنى بىزگە بىشارەت قىلغانلىرىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ، دۇنيانىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە خۇدا بىلمەيدىغان تىل ، خۇدا ئاڭلىمىغان ئاۋاز بولمىغان ، خۇدانىڭ ئاۋازى ھەممە يەرگە يەتكۈزۈلگەن " دىيىلگەن (مۇناجات4-1: 19). يۇلتۇزلارغا قاراپ كائىناتنىڭ چېكىنىڭ كگۈزەللىگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدا ياراتقاندۇر، ئەگەر بۇلارمۇ يېتەرلىك ئىسپات ئەمەس دەپ قارالسا، خۇدانىڭ قەلبىمىزدىلىگىمۇ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر.

تەلىم3:11 دە " .... خۇدا باقى ئالەمى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە سالغان " دىيىلگەن،بىز گەرچە ئىلمى جەھەتتە ئىنكار قىلساقمۇ لېكىن قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە بىز بۇ دۇنيانىڭ ۋە بۇ ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بارلىغىنى ئېتىراپ قىلىمىز خۇدا ئەتراپىمىزدىكى ھەممە مەۋجۇداتتا مەۋجۇتتۇر، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ئىنجىلدا يەنىلا بەزىلەرنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئىنكار قىلىدىغانلىغى بايان قىلىنىپ" نادان 'قەلبىمدە خۇدا يوق ' دەيدۇ " دىيىلگەن.( مۇناجات 14:1).

تارىختىن بۇيان ھەرقايسى قىتئەلەردىكى ھەرقايسى مەدىنيەتكە تەۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىشىنىپ كېلىۋاتقانلىغىنىڭ ئۆزىلا بۇ خىل ئىشىنىشنىڭ(ياكى بەزىلەرنىڭ ئىشىنىشىنىڭ) مەلۇم ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ

خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغى توغرىسىدىكى قەدىمى تالاش-تارتىشتىن باشقا يەنە خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغى توغرىسىدا لوگىكىلىق تالاش-تارتىشمۇ بار بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى مەۋجۇدادلىق نەزىريىسىدىكى خۇدانىڭ مەۋجۇت – مەۋجۇت ئەمەسلىگى توغرىسىدىكى تالاش- تارتىشتۇر، بۇ خىل تالاش تارتىش ئالدى بىلەن "خۇدا ھىچكىمدىن ئۇلۇغ يارالمىغان " دىگەن نەزىريە بىلەن باشلىنىپ " مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش مەۋجۇت بۇلماسلىقتىن ئەلادۇر دىيىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولمىسا ئۇ يارالمىغان بولار ئىدى بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى يەكۈنىگە خىلاپتۇر

ئىككىنچى خىل تالاش-تارتىش تېلېولوگىيەلىك تالاش-تارتىش بۇلۇپ بۇ خىل تالاش-تارتىش كائىنات ئاجايىپ قىلىپ يارىتىلغان ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ياراتقان ئىگىسى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.مەسىلەن،يەر شارى قۇياشتىن نەچچە يۇز مىل يىراقلاپ كەتسە ۋە ياكى نەچچە يۈز مىل قۇياشقا يېقىنلىشىپ قالسا ئۇنىڭدىكى ھاياتلىق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ، بىر پروتەيىن مالىكۈلىسىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇش مۈمكىنچىلىگى بىردە 10243 بولىدۇ ( 10243 دىگىنىمىز قىسقارتىلما بۇلۇپ 10نىڭ ئارقىدا 243 نۆل بار دىگەنلىكتۇر)بىر يالغۇز ھۈجەيرە بولسا مىليونلىغان پرۇتەيىن مالىكۇلالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈچىنچى خىل تالاش-تارتىش كائىنات توغرىسىدىكى تالاش – تارتىش بۇلۇپ ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ دەپ قارىلىپ بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىغا بىر خىل كۈچنىڭ تۈرتكە بولغانلىغىنى بۇ خىل كۈچنىڭ باشغا نەرسە ئەمەس خۇدا ئىكەنلىگى ئېتىراپ قىلىنىدۇ

تۆتىنچى خىل تالاش-تارتىش ئەخلاقى تالاش- تارتىش دەپ قارىلىدۇ.تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەدىنيەتتە توغرا – خاتالىقنى ئايرىش ئېڭى بولىدۇ ، ئادەم ئۆلتۈرۈش، يالغان سۆزلەش ، ئۇغۇرلىق قىلىش، ئەخلاقسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەممىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، ئۇنداقتا خۇدا بولمىسا بۇ خىل ياخشى يامانلىقنى ئايرىش ئېڭى نەدىن كەلگەن بولىدۇ ؟

گەرچە مۇشۇنداق ئۇرۇنلۇق تالاش – تارتىشلار بولسىمۇ ئىنجىل بىزگە بەزىلەرنىڭ يەنىلا خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىشەنمەيدىغانلىغىنى بەلكى راست بولمىغان نەرسىلەرگە ئىشىنىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. رىملىقلار1:25 دا" ئۇلار خۇدا ھەقىدىكى ھەقىقەتكە ئىشەنمەي يالغان نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ،خۇدا ياراتقان نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ ۋە چوقۇنىدۇ-لېكىن خۇدا ئۇلۇغدۇر. ئامىن " دەپ يېزىلغان . ئىنجىل يەنە ئادەملەرنىڭ خۇداغا شەرتسىز ئىشىنىشىنى تەكىتلەپ" دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان خۇدانىڭ كۈچ قۇدرىتى ھەمىشە نامايەن بۇلۇپ تۇرماقتا، بۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس شۇڭا ئادەملەر خۇداغا ئېتىقات قىلغاندا باھانە تاپماسلىغى كېرەك" (رىملىقلار 1:20)دىيىلگەن

كىشىلەر خۇدانىڭ بارلىغىنى رەت قىلىپ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى " ئىلمى قاراش ئەمەس" " ھىچقانداق ئىسپات يوق" دىيىشىدۇ، ئەمىليەتتە ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ بارلىغىغا ئىشەنسە خۇداغا جاۋاپ بېرىش كېرەكلىگىنى، خۇدانىڭ كەچۈرىشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى بىلىدۇ (رىملىقلار3:23،6:23)ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولسا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرىغا مەسئۇل بۇلۇشىمىز كېرەك، ئەگەر خۇدا راستىنلا مەۋجۇت بولمىغان بولسا بىز نىمىلا قىلساق بولىۋېرىدۇ شۇڭلاشقىمۇ نۇرغۇنلار خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنىڭ تەبئى تەرەققىياتنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلىدۇ بۇ ئۇلارنىڭ باشقا نەرسىلەرگە ئىشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىدۇ.خۇدا مەۋجۇتتۇر بۇنىسى ھەممىگە مەلۇم، ئەمىليەتتە بەزىلەرنىڭ خۇدانىڭ بارلىغىغا ئەسەبىلەرچە قارشى تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى قانداق بىلىمىز؟ خىرىستىيان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە خۇدا بىلەن ھەر كۈنى سۆزلىشىپ تۇرىمىز خۇدا بىزگە سۆزلىگەندە بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمىز لېكىن بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنى، ئۇنىڭ بىزنى باشلاپ مېڭىۋاتقانلىغىنى، ئۇنىڭ مىھرى – مۇھەببىتىنى ھىس قىلىمىز، خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشمەكچى بولىمىز.ھاياتىمىزدا بولىۋاتقان ئىشلارنى خۇدادىن باشقا بىرسى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، خۇدا بىزنى مۆجىزە يارىتىپ قۇتۇلدۇرغان، بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتكەن بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئېتىراپ قىلىمىز،ئۇنى مەدىھىلەيمىز، خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغى تالاش – تارتىش تەلەپ قىلمايدۇ لېكىن يەنىلا خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغى ئېتىقات تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك (يېھۇدا 11:6).

خۇداغا ئىشىنىش قاراڭغۇلۇقتا يول ئىزدەپ يۈرۈش ئەمەس بەلكى نۇرغۇنلىرىمىزغا ئۇخشاش يورۇق دۇنيادا مەزمۇنت، ئىشەنچلىك قەدەملەرنى ئېلىشتۇر.

English



ئۇيغۇرچە تور بەتكە قايتىش

خۇدا مەۋجۇتمۇ؟ خۇدانىڭ مەۋجۇتلىغىغا ئىسپات بارمۇ؟
Facebook icon Twitter icon Pinterest icon Email icon
© Copyright Got Questions Ministries